ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر تۈركۈم كادىرلار مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.27

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە بىر تۆۈركۈم كادىرلار مەركەزنىڭ «8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ قېتىم جازالانغان كادىرلارنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇلار ئوغلىنىڭ تويىنى ھەشەمەتلك ئۆتكۈزۈش، ئومۇمنىڭ ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش، سوۋغات قوبۇل قىلىش دىگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن جازالانغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 27‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى جازالانغان يۇقىرىقى 7 نەپەر كادىرنىڭ مەسىلىسىنى مەركەزنىڭ «8 خىل بەلگىمىسى» گە خىلاپ تىپىك 7 دېلو، دەپ ئېلان قىلغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 2012‏-يىلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك « 8خىل بەلگىلىمىسى» نى چىقارغاندىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ تىپىك دېلولارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ «8 خىل بەلگىلىمە» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھېچقانداق سىياسى مەسىلە تاپالمىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاشتىكى باھانەسىگە ئايلىنىپ قالغان. خەۋەردە بورتالا ئوبلاستلىق يەر تەۋرەش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئابلىكىم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەكرەم لېتىپ، سانجى شەھەرلىك قاتناش-ترانسپورت ئىدارىسىنىڭ كادىرى نىجات، نىلقا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ چۈنفېڭ قاتارلىق يەتتە كىشىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، پارتىيە ئىچىدە بىر يىل سىناقتا قالدۇرۇش قاتارلىق جازالارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئاشكارلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دە كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ بەزى كادىرلارنى چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك جازالانغانلىقى ئاشكارلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.