ئۇيغۇر ئېلىدا «كىملىكنى تورلاشتۇرۇش» ئارقىلىق «گۇمانلىق كىشىلەر» تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-01-20
Share

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر يەنى 2014-يىلى 23-ماي باشلىغان «بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تورلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاتالمىش«گۇمانلىق كىشىلەر »نى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى، قارىماي قاتارلىق شەھەرلەردە «كىملىك ئۇچۇرىنى تورلاشتۇرۇش» دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇلغان. قارىمايدا يولغا قويۇلغان تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى نۆۋەتچى ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئەقىللىق تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان 2-ئەۋلاد كىملىك كارتىسى ماگنىتلىق بولۇپ، بۇ كىملىك كارتىسى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، ئەگەر كىملىك ئىگىسى نازارەت قىلىنىۋاتقان بولسا، شۇ كىشىنىڭ كىملىك كارتىسى دەرھال سىگنال بېرىپ، ئاۋاز چىقىرىدىكەن، كىملىك ئىگىسىمۇ ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىنىدىكەن.

يېڭى ئەۋلاد كىملىك كارتىدا نازارەت قىلىنىۋاتقان كىشىنىڭ ئورنى ۋە كىملىك كارتىسى ئارقىلىق بېجىرگەن بارلىق مەشغۇلاتلىرى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە «كىملىك ئۇچۇرىنى تورلاشتۇرۇش» ئارقىلىق ئاتالمىش «گۇمانلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش» نى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭەيتىشنى يولغا قويماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت