«ئاۋانگارت گېزىتى» شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.18

ھىندىستاندىكى «ئاۋانگارت گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقال ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ نىشانى يالغۇز خەلقئارا ۋە يەرلىك تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە پەرقلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان كىملىكىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى يەرلىكلەردە «ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان جازالاش خاراكتېرلىك باستۇرۇش رايوننىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ماكخان سايكىيا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلاردىكى مىللەتچىلىكنى كۈچەيتكەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنىڭ ئارقىغا قايتىش ئىمكانسىز نۇقتىغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا يەنە، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۇسلۇبىدىكى سىياسىتى يەرلىكلەردە جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشىدىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللۈكىنى ئۈن-تىنسىز ئىپادىلەپ كەلدى» دېيىلگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى، قولايلىق ساقچى پونكىتى، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش، تورنى تازىلاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەش ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «بېيجىڭنىڭ يەرشارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى بارلىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بېيجىڭنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشى چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى بىر ياكى بارلىق مىللەتلەرگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىشى ئۇزۇن مەزگىلدە سەلبىي نەتىجە بېرىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.