كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەسىلىلىرىگە دائىر كىتاب نەشر قىلىندى
2016.05.26
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى يېقىندا «شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى مىللىي توقۇنۇش: خىتاينىڭ غەربىدىكى داۋالغۇش» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدى.
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى بېن خىلمان ۋە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى گراي تاتتل تەھرىرلىگەن بۇ توپلامغا ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان تۆت پارچە ئىلمىي ماقالە تاللانغان بولۇپ، ئۇلاردا خىتاينىڭ غەربىدىكى بۇ جايلاردا يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ رايونلاردا مىللىي زىددىيەتلەرنى يۇمشىتىش ئۈچۈن توختىماستىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش» ۋە «گىرۋەكتىكى مەۋجۇتلۇق» سەرلەۋھىلىك ماقالىلەردە ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىنغان.
مەزكۇر توپلام نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان. 26-ماي كۈنى «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ، كىتابنىڭ تۈزگۈچىلىرى بىلەن بىر سائەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.









