دوكتور ئېرىك شلۇسسېلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابى «جون فەيىربانكس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-10-18
Share

ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىېۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى كەسپىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس ئېرىك شىلۇسسېلنىڭ 2020-يىلى نەشر قىلىنغان «ياتلارنىڭ زېمىنى: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى مەدەنىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» ناملىق ئەسىرى ئامېرىكا تارىخ جەمئىيىتىنىڭ 2021-يىللىق «جون فەيىربانكس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

1968-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاتاقلىق تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئامېرىكا تارىخ جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى جون فەيىربانكسنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات خىتاي، ۋېيتنام، خىتاي كونتروللىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغولىيە، مانجۇرىيە، كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ 1800-يىلدىن كېيىنكى تارىخىغا ئ‍ائىت نادىر ئەسەرلەرگە بېرىلىپ كەلگەن. ئېرىك شىلۇسسېلنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ 19-ئەسىردىلا باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇ بۇ كىتابىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا بىر ئۇچۇم خىتاي سەرخىللىرىنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى بۇ رايوننى كونترول قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كۇڭزى تەلىماتلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى كۇڭزىچى قىلىپ ئۆزگەرتىشتىكى بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ ئوخشىمىغان دىن ۋە ئوخشىمىغان تىلدىكى بۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى شەرھىيلىگەن.

ئېرىك شىلۇسسېلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشنىڭ ئىنژېنېرلىرى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلىياتسىيە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بۇ خەلقلەرنىڭ تېخىمۇ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى بۇ قۇرۇلۇش ئوخشاش بىر ۋاقىتتا باراۋەرسىزلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت