خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بەلدىن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشىگە چەك قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشىنى، بەزى جايلاردا ياغلىق ئارتىپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشىنى چەكلىگەن ئىدى. لېكىن، ھازىر بۇ چەكلىمە تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، بەلدىن ئۇزۇن كۆڭلەك، كوپتا، مايكا ۋە باشقا كىيىملەرنى كىيىشىنى چەكلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

پەيشەنبە كۈنى فەيسبۇك قاتارلىق چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر رەسىملىك خەۋەردە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كوچا-كويلاردا ياكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قەدەر كىرىپ، يۇقىرىقى چەكلىمىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجابلىنىشى، ساقال قويۇشى، دىنىي بۇيۇم ۋە دىنىي كىتابلارنى ساقلىشى قاتارلىق نېگىزلىك دىنىي ئەنئەنىلىرىنى رادىكاللىقنىڭ 76 خىل ئىپادىسى، كۆرسىتىپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

فېيسبۇكتىكى رەسىملىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىشتان ئۈستىگە بېلىدىن ئۇزۇنراق كۆڭلەك، كوپتا، مايكا ياكى باشقا ئىگىنلەرنى كىيىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئاياللارنىڭ كۆڭلەك، كوپتا ياكى مايكىسى مەجبۇرىي كېسىپ تاشلانماقتائىكەن.

رەسىملىك خەۋەردە، قولىدا قايچا تۇتقان خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى توختىتىپ، كۆڭلەك، مايكىلىرىنىڭ بەلدىن ئۇزۇن قىسمىنى كېسىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر رەسىملەرنىڭ قايسى شەھەردە تارتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېقىندا تارقىتىلغانلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئالغا سۈرۈش نامىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى كېسىشى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت