دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىيىنىش چەكلىمىسى قارامايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.08.05

قاراماي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنگەن 5 خىل كىشىلەرنىڭ 4-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كوچا ئاپتوبۇسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىشى، ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تۇنجى بولۇپ، فىرانسىيە رادىئوسى 4-ئاۋغۇست قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، قارامايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە يوسۇندا كىيىنىشى چەكلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش چەكلىمىسى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرى بېرىلدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە «دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت چەكلىمىسىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىن ھالقىپ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىمۇ بۇزۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى شەرتلەر بويىچە مۇسۇلمانچە كىيىنىشى يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان چەكلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ ھەقتە رەسمىي قانۇنى بەلگىلىمە چىقارمىغان ئىدى.

28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پاسوندىكى كىيىنىشىگە قارىتا قانۇنىي بەلگىلىمە تۈزۈپ چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يېڭىدىن چىقىرىلغان بەلگىلىمىدە، يۈزىگە چۈمبەل تاقىغان ئاياللار، جىلباب كىيگەنلەر، ئىسلامىي يوسۇندا ئوشۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كەمزۇل كىيگەنلەر، كىيىملىرىدە ئاييۇلتۇز بەلگىسى بارلار، ياش تۇرۇپ قويۇق ساقال قويغانلار قاتارلىق «5 خىل كىشىلەر»نىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.