قاغىلىق ناھىيەسىدىكى تۆت يېزىدىن 14 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن

2021.01.07

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ ئۇلارنى «توپلاپ ئىدارە قىلىش» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەر» گە ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

4-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا تورى تارقاتقان بىر ۋىدىيولۇق خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چىپان يېزىسى ۋە كۆكيار يېزىسى قاتارلىق 4 يېزىسىدىن ھازىرغىچە 14 مىڭغا يېقىن ئادەم كۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئەسلى ماكانلاشقان تاغلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن يېزا ئاھالىلىرى ھازىر «ئاقتاش» دەپ نام بېرىلگەن كىچىك شەھەرچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. خەۋەردە «ئاقتاش شەھەرچىسى شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ كۆچۈش ئورنىغا ئايلاندى» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەقەت 4 يېزىدىنلا 14 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردىكى ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشتە قۇرغاق بىر چۆللۈكتە بىر-بىرىگە ئوخشاش قىلىپ سېلىنغان سەرەڭگە قېپىدەك ئۆيلەر كۆرسىتىلگەن ۋە يېزا ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ» مۇقىم خىزمەت شارائىتى ۋە مۇقىم كىرىمغا ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ باقمىچىلىق فېرمىسى، كىيىم تىكىش زاۋۇتلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىپ باشقۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دەپ باھالىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ياقتىن لاگېرلارنى يولغا قويۇپ 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىي ياشاش يوللىرىنى يوقىتىشنى تىزلاتقان ۋە ئۇلارنى قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.