«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 2‏-كۈنىگە قەدەم قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.06

ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 4‏-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پوتبۇل مۇسابىقىسى پەيشەنبە كۈنى 2‏-كۈنىگە قەدەم قويدى.

شۇ كۈنكى مۇسابىقىدە 6 كوماندا 3 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى. «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» بىلەن «بوستون-نيۇ-يوركتىكى يورك بىرلەشمە كوماندىسى»، «كانادا بوغدا كوماندىسى بىلەن سان-فرانسىسكو ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى كوماندىسى» ۋە «ۋىرجىنىيە تەكلىماكان كوماندىسى» بىلەن «لوس-ئانجېلىس ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى كوماندىسى» ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشتى.

مۇسابىقىدە «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» بىلەن «بوستون-نيۇ يورك بىرلەشمە كوماندىسى» 2 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. «لوس-ئانجېلىس ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسى» نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن «ۋىرجىنىيە تەكلىماكان كوماندىسى» نى، «كانادا بوغدا كوماندىسى» نۆلگە قارشى 7 نەتىجە بىلەن «سان-فرانسېسكو ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسى» نى ئۇتۇۋالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 6 مەيدان توپ ئوينالدى. لېكىن بۇ مۇسابىقىلەردە «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» بىلەن «كانادا بوغدا كوماندىسى» ھېچكىمگە ئۇتتۇرۇپ باقمىدى. 4‏-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىدە «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» «سان-فرانسېسكو ئۇيغۇر كۇلۇبى» نى، «كانادا بوغدا كوماندىسى» «بوستون-نيۇ-يوركتىكى يورك بىرلەشمە كوماندىسى» نى ئۇتۇۋالدى. بۇ ئىككى كوماندا جۈمە كۈنى مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن. جۈمە كۈنى يەنە «سان-فرانسېسكو ئۇيغۇر كۇلۇبى» بىلەن «بوستون-نيۇ-يوركتىكى يورك بىرلەشمە كوماندىسى»، «مارىلاند ئۇيغۇر كوماندىسى» بىلەن «لوس-ئانجېلىس ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسى» مۇسابىقىلىشدىكەن.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 2015- يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بېرى ھەر يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇسابىقە ھازىر شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان، پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرىنى سىڭدۈرىدىغان مۇھىم پائالىيەت سورۇنىغا ئايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.