CNN تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مازارلىقلىرىنىڭ قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
2020.01.02
CNN تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مازارلىقلارنىڭ قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا 100 دىن ئوشۇق قەدىمىي مازارلىق ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، مازارلىقلاردىكى نۇرغۇن قەبرىلەرنىڭ قەيەرگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكىمۇ نامەلۇم ئىكەن.
CNN تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى مەت رىۋېرسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشى ۋە باشقا سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا بۇزۇۋېتىلگەن مازارلىقلارنىڭ 60 تىن ئارتۇقىنىڭ ئىسىمى ۋە بۇزۇۋېتىلگەن ۋاقىتلىرىنى تېپىپ چىققان. خوتەندىكى مىڭ يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە بولغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم زىيارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «سۇلتانىم مازارلىقى» شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مازارلىقنىڭ 2019-يىلى 4-ئاي ئەتراپىدا تۈزلىۋېتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە 2017-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغان دادىسى مەرھۇم ئەيسا ئابدۇللا يەرلىككە قويۇلغان شايار مازارلىقىنىڭ تۈزلىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىر دادىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى يىلتىزىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «مىللىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
CNN تېلېۋزىيەسى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇنى سورىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەقتە قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دەپنە ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە يۇقىرىقى بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ «تامامەن شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا مەدەنىيەتلىك ۋە رەتلىك مازارلىقلارنى بەرپا قىلىش» پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس رايىن تسام مازارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى تەكىتلەپ تۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ئوچۇق-ئاشكارە ھۇجۇم» دەپ كۆرسەتكەن.









