خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيتى» قاتارلىق 160 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى بىكار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.25

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 22-فېۋرال ئ‍ۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتى» ۋە ئۇيغۇر كەسپىي مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىق 160 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، يوقىرىقى 160 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسى بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئەتكەس قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى رايوندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى چەكلىنىپ، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن سەرخىللەر تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان، بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان نۇرغۇن مەكتەپ، شىركەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلار پۈتۈنلەي تاقالغان ياكى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ناملىق ھەرىكەت قوزغاپ، «مىللەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان بۇ 160 ئىجتىمائىي تەشكىلات مىراج كەسپىي مەكتىپى، شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى»، شىنجاڭ «ئاتلان» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى، شىجاڭ «ئاقيار» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى، شىنجاڭ سەرۋى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى، دولان دېھقان رەسساملار ئاكادىمىيەسى، قاراقۇرۇم مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا شىركەت، مەكتەپ ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەرنى قۇرغان نۇرغۇن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.