«شىنجاڭ» گېزىتى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئ‍وزۇقلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

6-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ» گېزىتى ۋە «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھىلەشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى تېپىپ چىقىش، ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرىنى تەتبىقلاش، شىنجاڭنىڭ مول مەنىسىنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئ‍ۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئارقىدىنلا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ مەقالىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن. ئانالىزچىلار، باچېلېتنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنلا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئ‍وزۇقلاندۇرۇش» نى ئومۇمىي يۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كونا مۇقامنى قايتا توۋلىشى، ئۇنىڭ بۇ زىيارەتتىن ئوڭۇشلۇق ئاتلاپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراشقان. بەزى غەرب دۆلەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار باچېلېتنىڭ زىيارىتىگە قارشى چىققان. ئۇلار بۇ شارائىتتا خىتاينىڭ ب د ت خادىملىرىنى ئالداپ يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ماقالىدە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە، ساغلام ئاساس سېلىش، ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك بەرپا قىلىشنىڭ نېگىزلىك تەدبىرى» ئىكەنلىكى، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم يۆنىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، ئ‍اكتىپچانلىق ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقىغا مەھكەم ئىگە بولۇشىمىز كېرەك» دېيىلگەن. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش بىر خىل مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت