«زىمىستان» تورى: «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئىسلامىي تۈستىكى سىمۋوللۇق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانماقتا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن «زىمىستان» تورى ئۇيغۇر رايونىدا دائىرىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئىسلامىي تۈستىكى سىمۋوللۇق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى قايتا ئىشلەتمەسلىككە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان قاچا-قومۇچ، تەشتەك، چەينەك ۋە ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا ئەگەر ئاي-يۇلتۇز ياكى مېھرابنىڭ رەسىمى ۋە ياكى ئەرەبچە خەت چۈشۈرۈلگەن ئىسلامىي سىمۋوللار بولۇپ قالسا يىغىۋېلىنغان ۋە بۇنداق بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە دائىرىلەر ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ يۇقىرىقىدەك بۇيۇملارنى يىغقان ۋە توپلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا چۆچەكنىڭ ساۋەن ناھىيەسىدىمۇ تۆۋەنگە چۈشكەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاھالىلەرنى ئىسلامىي تۈستىكى سىمۋوللۇق نەرسە-كېرەكلەرنى تاشلىۋېتىش ياكى تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەكىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

«زىمىستان» تورى ئۆتكەن ئايلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى جايلاردا مىللىي ئۇسۇلۇپتا سېلىنغان ۋە دىنىي سىمۋوللۇق تۈسى قويۇق بولغان بىنالارنى چېقىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت