ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەت ئەللەردە ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى ئالقىشلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.19

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا مەنسۇپ بارلىق شەيئىلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بىر-بىرلەپ يوق قىلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بېرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ ئەھۋالغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ گرۇزىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن. بولۇپمۇ فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن دىلنۇر رەيھاننىڭ فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە 2019-يىلى قۇرۇلغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» ئارقىلىق مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى بىلىملەرنى تارقىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز چامىسى يەتكەن دائىرىدە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىر زور خىزمەت، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ جەھەتتە كىشىنى خوشال قىلىدىغان بەزى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.