ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرگەن مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.05

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىرى ماركو رۇبىيو ۋە جەيمىس ماكگوۋرن 5-نويابىر كۈنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مارك مورگانغا رەسمىي مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭدىن ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ مەكتۇپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» تېمىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ خۇلاسىسىگە ئاساسەن يېزىلغان. باياناتتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك پاكىتلار بارلىقى ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئامېرىكادىكى مەۋجۇت قانۇنلارغا خىلاپ بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

سېناتور ماركو رۇبىيو ۋە جەيمىس ماكگوۋرنلار ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مارك مورگانغا يازغان خېتىدە ئۇلارنىڭ يېقىندا خوتەن تەيدا شىركىتىگە ئائىت مەھسۇلاتلارنى چېگرادا تۇتۇپ قالغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە شۇنداقلا مارك مورگان ئەپەندىدىن: «بۇ ھەقتىكى تەدبىرلەرنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرگەن توقۇمىچىلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ‹توختىتىپ قويۇش بۇيرۇقى› چىقىرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ قارىلىۋاتقان بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت ھەرىكىتىگە ھەمدەمدە بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.