گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى خىتاينى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.16

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا قۇترىتىش بىلەن تەنقىد قىلدى. باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇنلارنى چىقارغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق يۈز بېرىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان.

باياناتتا، خىتاينى تەنقىد قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرى دىنىي ئەركىنلىككە قويغان ھەر بىر يېڭى چەكلىمە ئارقىلىق لىبېرال مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كونسېرۋاتىپ ئىسلامىي چۈشەنچىگە بۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا قانۇن چىقىرىپ، ساقال-بۇرۇت، ھىجاپ ۋە باشقا دىنىي قىياپەتلەرنى ئاممىۋىي سورۇنلاردا چەكلىگەن ئىدى.

باياناتتا، 12‏-يانۋار قەشقەر يېڭى شەھەردە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئاخباراتىنىڭ مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئالاقىدار بۇ خىل ۋەقەلەر ھەققىدە چەكلىك خەۋەر بېرىشى تىپىك ئەھۋال.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىر قانۇن چىقىرىلىپ، ئاياللارغا ھىجاپ مەنئى قىلىندى. خىتاي داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبىنى سوراش ئورنىغا، چارىسىزلىق بىلەن نوقۇل باستۇرۇشنى تاللىۋالدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.