«يېڭى دۆلەت ئەربابلىرى» ژۇرنىلى بۇ ھەپتىلىك سانىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.02.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگىلىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژورناللاردىن بولغان «يېڭى دۆلەت ئەرباپلىرى» (The New Statesman) ناملىق ژورنال، بۇ ھەپتىلىك سانىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلىدى.

مەزكۇر ژورنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر خىرىس ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىمۇ مانا بۇ دوكلاتقا ئاساسەن ئىشلەنگەن. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئەتلەس بىلەن كىيىنگەن بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئاغزىنىڭ خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى سىموۋل قىلىنغان بىر قول بىلەن ئېتىۋېلىنىشى سۆرەتلەنگەن بۇ ژورنالنىڭ مۇقاۋىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ماۋزۇسى «جىمىقتۇرۇلۇش-خىتاي، ئۇيغۇرلار ۋە ھۇجۇم ئاستىدىكى مەدەنىيەت» بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر يۈرۈش ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان.

دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى بىلەن ئىنكار قىلغۇسىز بىر ھەقىقەت بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ دىققىتى پەقەت 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئادەم سولانغان جازا لاگېرلارغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، زۇلۇمنىڭ پەقەت لاگېرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت ۋە تەقىب سېستىمىسى بىلەن قوراللانغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە تۈرلۈك زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىشقا، مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشقا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بىزنىڭ بۇ مەخسۇس دوكلاتىمىز پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى توختىماي قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى توختىمىغان تەقدىردە، بىزنىڭ نېمىلەردىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىمىزنى، يەنى ئۆزگىچە تارىخ، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي مىراسلاردىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.»

مەزكۇر ژورنالنىڭ يازغۇچىسى جېرەمىي كىلىف تىۋىتتېردىكى سۆزىدە بۇ دوكلاتنىڭ 17-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ: «بىز بۇ دوكلات ئۈستىدە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىشلىدۇق. بۇنىڭ ئاخىرى ژورنالنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا چىققانلىقىنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم. دوكلاتنىڭ مەقسىتى بېيجىڭ باستۇرماقچى بولۇۋاتقان مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ئاشكارىلاشتۇر،» دېگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.