ئىرېلاندىيەلىك دىنىي رەھبەرلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-18
Share

ئىرېلاندىيەلىك دىنىي رەھبەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان.

50 تىن ئارتۇق دىنىي رەھبەرنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن: «ئىرېلاندىيەدىكى دىنىي ئېتىقادنى ئاساس قىلغان گۇرۇپپىلارنىڭ دىنىي داھىيلىرى ۋە رەھبەرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەنگىلىيە ۋە باشقا جايلاردىكى كەسىپداشلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ھەممە كىشىگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىرىنى ۋە ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېھتىمالىنى يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق تەكىتلىمەكچىمىز.»

«ئىرېلاندىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باياناتقا ئىمزا قويغۇچىلار ئىرېلاندىيە چېركاۋىنىڭ باش پوپى، دۇبلىندىن مايكېل جېكسون؛ بەش كاتولىك ئېپىسكوپى-ئالان ماكگۇكيان، فىنتان موناگان، لاررى داففى، فونسى كۇللىنان ۋە لېئو ئورىلى؛ دۇبلىن ئىبرانىيلار جامائىتىنىڭ راببى زالمان؛ ئىرېلاندىيە مۇسۇلمانلار تىنچلىق ۋە بىرلىك كېڭىشىدىكى شەيخ ئۆمەر ئەل-قادىرى ۋە زېن بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كىلروي قاتارلىق مۇھىم دىنى رەھبەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يۇقىرىقى بۇ دىنىي رەھبەرلەر باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىغا-زارىسى دىققەتكە ئېلىنمىسا ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى جازالانماي، ئۇنىڭ زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇلۇۋەرسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسىگە گۇمان پەيدا قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇلار باياناتىدا يەنە: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېنىق مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش. دىنىي رەھبەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز پائالىيەتچىمۇ ئەمەس، سىياسەتچىمۇ ئەمەس. يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، دۇنيا ‹قايات تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىگە ئىشەنگەن. ئەمما بۈگۈن بىز ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن سۆزلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاۋاتىمىز،» دېگەن.

ئاخىرىدا بۇ دىنى رەھبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم شۇنداقلا خىتايدىكى باشقا بارلىق دىن ۋە ئېتىقاد قۇربانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن «بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولى بەرپا قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت