كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسى ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا «توغرا ئىش قىلىشقا» چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-08
Share

كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئۆتۈل ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئەيىبلەشتە «توغرا ئىش قىلىشقا» چاقىرغان. ئەنگلىيەدىكى «ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېرىن ئۆتۈل ئەنگلىيەنىڭ توغرا ئىش قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى، دەپ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دەلىللەرنىڭ ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى تەبىرلىرىگە چۈشىدىغانلىقى ئېنىق. دەلىللەرنىڭ سالمىقى ناھايىتى زور. بۇنداق قورقۇنچلۇق قىلمىشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنى قانداق بولسا شۇنداق ئاتاش مۇھىم».

ئېرىن ئۆتۈل بۇ سۆزلەرنى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، كانادا ۋە ياۋروپادىكى خىتاي جەمئىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان، ئۇلار بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، دەپ ئاقلاۋاتقان مەزگىلدە ئېيتقان. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى يېقىندا سودا قانۇنىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ماددىسىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ئاز پەرق بىلەن رەت قىلغانىدى. «ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېرىن ئۆتۈل «بىزنىڭ ئاۋازىمىز ئەنگلىيەنىڭ ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلغان مۇھىم سىگنال» دېگەن.

كانادا پارلامېنتى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭدا ئېرىن ئۆتۈل ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى. ئېرىن ئۆتۈل يەنە خىتايغا مۇۋاپىق دىپلوماتىك، سودا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى، سودا، تور ھۇجۇمى ۋە جاسۇسلۇق مەسىلىلىرىدە بېيجىڭغا بولغان بېسىمنى ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت