ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسمەتلىرىنى پائال ئاڭلاتماقتا
2019.03.19
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ ھال لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاخىرقى مۇددىئالارنىمۇ ئاشكارا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئەنە شۇ خىلدىكى سەرخىللەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنتلىرى مەۋجۇت شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي قىسمەتنى «شەخسىي ھېكايە» شەكلىدە تېخىمۇ جانلىق ئاڭلاتماقتا.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تونۇلغان ۋە كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم ژۇرنالىست، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سابىق مەسئۇل مۇھەررىرى قۇربان مامۇت ئەنە شۇ خىلدىكى سەرخىل زىيالىيلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن بىرەر يىلچە ئىلگىرى قۇربان مامۇتنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن بۇيان، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش قۇربان ئىمزاسىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 18-مارت سانىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس ماقالىدا قۇربان مامۇتنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەمدە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت خىزمەتچىسىنى لاگېرغا قامىۋېلىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى چۈشىنىشلىك رەۋىشتە بايان قىلىنىدۇ.
بولۇپمۇ قۇربان مامۇتنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى ياشلىق دەۋرىدە «سىياسىي» سەۋەبتىن بىر قېتىم ئېغىر جىسمانىي قىيناق ۋە قاماقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، «بۇنداق كۈنلەر ئەمدى قايتا كەلمەس ئىلاھىم» دەپ ئۈمىد بىلەن ياشىغان بۇ مۆتىۋەرنىڭ يېشى 70 كە ماڭغاندا يەنە بىر قېتىم ئوخشاش سەۋەب بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاماقخانىسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگەرمەس ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
لاگېردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغان كۈلدۈرگە چولپىنى ئادىل مىجىتنىڭ كۈيئوغلى ئارسلان ھېدايەتمۇ بۇ جەھەتتە غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئادىل مېجىتنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا ئۈلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان CBC ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئاساسىدا تەييارلانغان 18-مارتتىكى خەۋەر ماقالىسىدىمۇ ئەلگە تونۇلغان، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ باقمىغان بىر كومېدىيە ئارتىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھازىر نەدىلىكى، ھەتتا ئۆلۈك-تىرىك ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.