كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەلقى» دېگەندە پەقەت خىتايلارنىلا كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر ۋە ئىجرائاتلار ھەققىدە «ھەممە ئىش پەقەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈندۇر» دېگەن ماۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىنغان.

كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقى بازارغا سېلىنغان بۇ ئوبزوردا ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلىنغان لاگېرلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆتكەن يىلى ۋاشىنگىتوندا قىلغان بىر سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان لاگېرلاردىن رايوندىكى 20 مىليون خەلقنىڭ رازى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئەگەر ۋاڭ يى تىلغا ئالغان لاگېرلاردىن مەمنۇن 20 مىليون كىشى راستىنىلا مەۋجۇت بولسا، بۇلارنىڭ پەقەت رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى مەزكۇر ئوبزورىدا لاگېرلارنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى» بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭ «شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلۇقى» تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت