ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى: خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تۈنۈگۈن ئۆز تور بېتىدە ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان 338 نەپەر زىيالىي ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بۇ دوكلات ھەققىدە مەخسۇس بىر تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالە «خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى» دېگەن ماۋزۇدا بېرىلدى.

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتلەردىن ھېسابلانغان خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئىلگىرى 5000 يىللىق خىتاي مەدەنىيىتىنى بىتچىت قىلغانلىقى، ئەمدىلىكتە بۇ ئاپەتلىك ھەرىكەتنىڭ ئەينى شەكىلدە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ماقالىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2018-يىلى 10 ئايدا بىر قېتىم دوكلات ئېلان قىلىپ 231 نەپەر تۇتقۇندىكى زىيالىينىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەنلىكى؛ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى ئالدىنقى كۈنى يېڭىدىن تولۇقلانغان 107 كىشى بىلەن قېتىپ جەمئىي 338 كىشىنىڭ كىملىكى ۋە ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە يېتەكچى رول ئويناپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ سوتسىز ۋە مۇددىتى ئېنىقسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ماقالىدا يەنە ئېلان قىلىنغانلارنىڭ تۇتقۇندىكى زىيالىيلاردىن پەقەت چەتئەلگە ئاشكارىلانغانلىرى يەنى تۇتقۇندىكى ئومۇمى زىيالىيلار سانىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك ئورنى بولغان، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلاردىن بىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت