سەيفىدىن ئابدۇللا: «بىز داۋاملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدىكى زېمىن دەۋاسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىۋاتقاندا مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفىدىن ئابدۇللا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بۈگۈنكى مالايسىيا» گېزىتىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سەيفىدىن «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بىز ئەھۋالنى چۈشىنىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. شۇنداقلا بېيجىڭغا بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېسداشلىقى ياكى قوللىشىغا ئېگە بولالمىغان ئەھۋالدا مالايسىيا ئىزچىل ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم سەيفىدىن ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت