خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-07-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرگە قارىتا ھەرۋاقىت ئۆزلىرىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولغان مەتبۇئاتلاردىن «دىپلومات» گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى ئوبزور ماقالىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى بايانلىرىنىڭ چەك باسمايدىغانلىقى تەپسىلى شەرھىلەندى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغاندا «شىنجاڭ بىزنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشىمىزدىكى ئالدىنقى ئۇرۇش سېپىمىز» دەپ يوليورۇق بەرگەن ھەمدە بۇنىڭدا «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» نى بۇيرۇغان. دەرۋەقە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» سىياسىتى تولۇق ئەمەلگە ئ‍اشقان. «5-ئىيۇل ئ‍ۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن بۇيانقى 12 يىل مابەينىدە ئومۇمىي كونتروللۇق ۋە لاگېرلار سىستېمىسى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا قوزغىغان باستۇرۇشتا ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد سىستېمىسىغا مەنسۇپ بارلىق شەيئىلەر ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلۇق ئامىللىرى تولۇق يوقىتىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مۇئەسسەلىرى چېقىپ تاشلانغان؛ ئۇيغۇرچە تىل ۋە يېزىق مەنئى قىلىنغان؛ «تۇغقان بولۇش» نامىدا مىليونلىغان خىتاي كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىپ ئۇلارنى كۆزىتىدىغان تىرىك نازارەتچىلەرگە ئايلانغان. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەد قىلغانلىقى ئاشكارا مەلۇم بولۇۋاتقان بۇ ھەركەتلەر ئارقىلىق «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدە گەپ سېتىش ئەمدى ھەر ساھەنى جىددىي ئويلاندۇرۇشى لازىم بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك بۇ تەدبىرلىرىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىككى جەھەتتىن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بىرى، ئۇلار ئىزچىل «ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا بىر قېتىممۇ تېرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى» دېيىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن مىللەتنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلمەكتە ئىكەن؛ يەنە بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنياۋى سورۇنلاردا پاكىستان، كۇبا دېگەندەك نامرات دۆلەتلەرنىڭ ئاغزىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەركىتىنى قوللايدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلدۇرۇش ئارقىلىق «بىز توغرا قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ دۆلەتلەر بىزنى قوللاۋاتىدۇ» دېمەكتە ئىكەن.

ئوبزوردا مۇشۇ ئەھۋاللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خىتاينىڭ تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدىكى بۇ خىل جىنايەتلىرى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىنى ھەرگىزمۇ يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت