«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قانداق ئېزىۋاتىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز سادا
2019.07.10

يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت قاتتىق سىستېمىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر باستۇرۇشلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بىر ۋىدىيولۇق خەۋەر تارقاتقان.

مەزكۇر گېزىتنىڭ 9-ئىيۇلدىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ۋىدىيولۇق خەۋەردە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە كۆلەملەشكەن نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق رايوننى بىر چوڭ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنمىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق يۇقىرى بېسىم ئاستىدا ھايات كەچۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ يۇقىرىقى نۇقتا ھەققىدە سۆز قىلىپ: «سىز ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ھۆكۈمەت سىزنىڭ يان تېلېفونىڭىزغا سىزنى نازارەت قىلىدىغان يۇمتالنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىسا، ئۇلار سىزنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى زورمۇ-زور ئېلىۋالسا قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟» دېگەن.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى، ھەتتا ئىسلامىي ئىسىملارنى قوللىنىشنىڭمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ھەقتە سۆز قىلغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇخبىرى جون پاركېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «ۋاقتى ئۆتكەن دىن» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا بولغان زىيانكەشلىكلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

نۆۋەتتە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا بولغان دىققەت-ئېتىبارى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.