ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بارغانسېرى زور خەلقئارا قوللاشقا ئىگە بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.04

مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ غايەت زور روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىگە بولغان تەنقىد بارغانسېرى كەڭ رايونلارغا يېيىلىشقا باشلىدى. 3-ئاۋغۇست كۈنى كۇبالىقلار ۋە كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسەتتى.

«كۈندىلىك ئىسلاھاتچى» گېزىتىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكانىڭ فىلورىدا شتاتىدىكى «كۇبا قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى» ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش ئىتتىپاقى» غا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. بۇ ئىتتىپاق 130 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ باش قوشۇشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئىزچىل خەلقئارادىكى چوڭ شىركەتلەرنى ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتىكەن.

«كۇبا قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى ئورلاندو ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلۇش قارارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە بورونات ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سۆز قىلغاندا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە «كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ قۇللار ئەمگىكىنى ئېكىسپلاتتاتسىيە ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى دەل بىز كۇبالىقلار كۆپ قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەرنىڭ بىرى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى باشلىغاندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق «قەدىناس بۇرادىرى» بولغان كۇبا ھاكىمىيىتىنى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا ئېلىپ كىرگەن. ئەمما كۇبانىڭ «قەدىمكى يىپەك يولى» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن. ئۇلار بۇنى «خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكاسىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى» دەپ قارىماقتىكەن.

3-ئاۋغۇست كۈنى «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتى كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى سىرىناگاردىكى كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ھاشىم قۇرەيىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي لاداخ رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى «كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ ھىندىستانغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنى قوللاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەقلى-ھۇشى ھەققىدە مەرسىيە يېزىش لازىم. چۈنكى ئۇلار ھىندىستاننىڭ دۈشمىنى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.