«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەر ۋاقتى گېزىتى» 12‏-ئاۋغۇست باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى. «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش - ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇقتۇر» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدا «تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بارلىق ئامىللاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك» لىكى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ مەقسەت ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مەزكۇر باش ماقالىسى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاينىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. ب د ت نىڭ مەزكۇر يىغىنىدا خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى بۇ لاگېرلارغا قاماش بىلەن ئەيىبلەنگەن. لېكىن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لاگېرلارنى قۇرۇپ، بىر مىليون ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. باش ماقالىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى شىنجاڭنىڭ «جۇڭگودىكى سۈرىيە ياكى جۇڭگودىكى لىۋىيەگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى»، «كومپارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك بولۇشى ۋە يەرلىك كادىرلارنىڭ جاسارەتلىك ھەرىكەت قىلىشى سەۋەبلىك شىنجاڭ قالايمىقانچىلىقنىڭ گىرۋىكىدىن قايتىپ كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ باستۇرۇش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىكەن. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە «شۈبھىسىزكى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۇنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ مەھسۇلى. شىنجاڭنىڭ ھەممە جايىدا ساقچى ۋە ساقچى پونكىتلىرى ئۇچرايدۇ. لېكىن بۇ شىنجاڭدا تىنچلىق، گۈللىنىشنى قايتا بەرپا قىلىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان ئالاھىدە باسقۇچتۇر،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت