ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى دۇنيانى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، دۇنيانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشكە يۇقىرى ئاۋازدا قايتا -قايتا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ: سىز ئاڭلاپ باقمىغان ئىپادە ئەركىنلىكى ئاپىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان زور كۆلەملىك ھۇجۇم. رايوندىكى خەقلەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭغا قارشى سۆز قىلىش خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۆزىنى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ھىمايىچىسى، دەپ قارايدىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى.»

ماقالىدا، ئىلھام توختى ۋە تونۇلغان تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتتەك ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ياكى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتەك خەۋپلەرگە كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئەيىبلىگەن» بولسىمۇ، لېكىن «خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تاغدەك پاكىتلارغا قارىماي بۇنى رەت قىلغانلىقى» تەنقىد قىلىنغان.

ماقالىدا، «دۇنيا ئۇنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئالدانماسلىقى كېرەك. بىز خىتاينى يۇقىرى ئاۋازدا قايتا-قايتا بۇ كىشىلىك ھوقۇق رەزىللىكىگە خاتىمە بەرگۈزۈشىمىز كېرەك. بىز بۇنى ھازىر ئىزتىراپ چېكىۋاتقان شۇ كىشىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بىز بۇ سىياسەت ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىستىبداتلىقنى رەت قىلىش ئۈچۈنمۇ قىلىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

ماقالىدا يەنە، كىشىلەرنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىشى، ئاشكارا ئىبادەت قىلالماسلىقى، تېلېفونىغا «خەتەرلىك مەزمۇنلار» نى بايقايدىغان يۇمتال قاچىلىنىشى، يۇقىرىقى ئامىللار «دائىملىق خەۋپ» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ «سىياسىي قايتا -تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا يوللىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشقا چاقىرىپ، «بەلكى بۇ سۆزلەر ئورۋېلچە قاباھەتتەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى. تېكساس، كالىفورنىيە، نېۋادا، مىنىسوتا شتاتلىرىنىڭ جەمئىي يەر كۆلىمىگە تەڭ كېلىدىغان بۇ بىپايان رايون بۈگۈنكى كۈندە پىكىر ئەركىنلىكى كەڭ كۆلەملىك چەكلىنىپ، ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان جايدۇر» دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت