«ساياھەت سەنئىتى» تېمىسىدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەپسىلىي ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات شىركەتلىرىدىن «خۇشكا خەۋەرلىرى» يېقىندا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

سۆھبەتتە دوكتور دەررېن بايلېر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىكى كۆچمەن مېكسىكىلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قانداق روھىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە تەپسىلىي توختالدى.

چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن نىشانى بولۇشىدەك ئاچچىق رېئاللىقنى يىپ ئۇچى قىلغان بۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت