خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى چىدىمىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماققا ئېلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمىغان چاقىرىقلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بەكمۇ نارازى بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 31-ئاۋغۇست سانىدىكى باش ماقالىسى ھەمدە «ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى ماقالىلىرىدە بۇ ئەھۋال ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاينى ئەيىبلىشىنى «تۆھمەت» دەپ ئاتىغان، شۇنىڭدەك جەنۋەدىكى ب د ت يىغىنىدا «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» ئەزالىرىنىڭ قىلغان سۆزىنى «غەرب جامائىتىنىڭ ۋە يالغان مەلۇماتلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىق» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا ئىككى خىل قىممەت قارىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر قېتىم توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى، غەرب مەركەزچىلىكىنى ئاساس قىلغان پىكىر ئېقىمىدا «ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن قۇرۇق نەزەرىيەلەرنىڭ بازارغا سېلىنىۋاتقانلىقى، بۇنداق قۇرۇق گەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەسەبىيلىككە ۋە مالىمانچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقى» ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى باي ۋە قۇدرەتلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قانداق تىرىشىۋاتقانلىقى، زور مالىمانچىلىق قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قېلىۋاتقاندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئورنىتىلغانلىقى» ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ۋەز ئېيتىلغان.

«ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆزىنى ئاقلاش ئۇرۇنۇشلىرى خىتايدىن ھالقىپ چەتئەللەرگىچە كېڭەيمەكتە ئىكەن. ئاپتور مىسال تەرىقىسىدە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە خەت يېزىپ، مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەردىكى «خاتا ئۇچۇرلار ۋە ساختا مەلۇماتلارنى تۈزەتمەكچى» بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى قاراشلارنى بازارغا سالماقچى بولغانلىقى، ئەمما گۇۋاھچىلار ۋە بىرىنچى قول ئۇچۇرلارنىڭ بۇنىڭغا زىت كېلىدىغان رامىزان چەكلىمىسى، دىنىي ئىسىملارنىڭ مەنئى قىلىنىشى دېگەندەك كۆپلىگەن رېئال مەسىلىلەرنى دەلىللەۋاتقانلىقى كىنايىلىك ھالدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت