MSN تورى ئۇيغۇرلارنىڭ كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.05

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن MSN تورى بۈگۈن، يەنى 5-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللىق باسقۇچى پاكىتلار بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىنغان بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى ئالاھىدە دىققەتكە سۇنۇلدى.

«ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كارانتىن ئوبيېكتى بولۇپ قالدى» دېگەن تېمىدا يېزىلغان بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، يېڭىدىن پاسپورت بېرىلمەسلىكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇپ ئەكىلىنىشى ۋە ھەتتا چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى قوبۇل قىلغانلارنىڭمۇ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىجرائاتلار تىلغا ئېلىندى. بۇ ئىجرائاتلار خۇددى كېسىلى يۇقۇش ئېھتىمالى بولغان زىرائەت، ھايۋانات ۋە ئادەملەرنى ھەرىكەت ۋە يۆتكىلىشتىن چەكلەشكە، يەنى كارانتىن قىلىشقا ئوخشىتىلدى.

ماقالىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياۋا ئوت-چۆپنى يوقىتىش ئۈچۈن زىرائەتكە دورا چېچىش ئۇسۇلى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە جازا ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جازا تەدبىرىنى ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىل كارانتىن قىلىنىشنىڭ نەتىجىسىدە دىن ۋە سىياسەت بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ساھەلەردىنمۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى تىزىملىك بىلەن كۆرسىتىلدى. بۇ تىزىملىكتە پۇتبول چولپىنى ئەكرەم ھېزىم، ئالىم مەمەت سالىھ ھاجىم، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، پروفېسسور راھىلە داۋۇت، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن، ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپ، دوكتور خالمۇرات غوپۇرلارنىڭ ئىسىملىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.