ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئوسى (NPR) نىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خورلاشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردى.

ئۇ بۇ چاقىرىقنى NPR نىڭ «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ستىۋېن ئىنىسكىپنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ، «دۇنيانىڭ مەلۇم جايىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقى، بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرى قورقۇتىلىۋاتقانلىقى، ئەگەر ئۇلار قايتىپ كەلمىسە يۇرتىدىكى ئائىلىسىگە نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى خەلقئارا تەسىر كۈچىنى قوللىنىشى ۋە «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «ئىككى نۇقتا بىزگە ئايدىڭ. بىرى، خىتاي خەلقئارا تەنقىدنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بىزنىڭ خەلقئارا تەسىرىمىز ناھايىتى زور. بىز بۇنى قوللىنىشىمىز كېرەك. بىز قوللىنىدىغان يەنە بىر تەدبىر يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتۇر (بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا چىقىرىلغان) بىز بۇ قانۇننى ئىشلىتىپ، مەزكۇر رايوندا بۇ سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدە جاۋابكارلىقى بار شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز ۋە ئۇلارغا ئېمبارگو قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

ماركۇ رۇبىئو يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇرۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي گۈللەنسە بۇ سىياسىي ئېچىۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارىغانلىقى، بىراق بۇنىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك خاتا مۆلچەر» ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماركو رۇبىئو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ 16 نەپەر ئەزاسى بىلەن بىرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئوغا مەكتۇپ يېزىپ، چېن چۈەنگو، سۈن جىنروڭ، جۇ خەيلۈن شۆھرەت زاكىر قاتارلىق 8 ئەمەلدارىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت