نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى: «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى شەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى سىياسىي ئۆگىنىشكە، پارتىيەنى كۈيلەشكە ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدلەشكە مەجبۇرلىشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدا ئىلگىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 41 ياشلىق ئابدۇسالام مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر زىيارەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ بىر جىنازا نامىزىدا خەتمە-قۇرئان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىدىكى پىلانى: ئۇلارنى ئۆزگەرتىش» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇسالام مۇھەممەت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر لاگېرغا سولىنىپ، باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ كەچمىشىنى تەنقىد قىلىشقا بۇيرۇلغان. لېكىن ئابدۇسالام مۇھەممەت «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە بۇ لاگېرلارنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى يوقاتمايدىغانلىقى، بەلكى قىساس ئېلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، بۇ لاگېرلارنىڭ «ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىدىغان ئورۇن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا يەنە پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قاتتىق تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاپ تاشلىدى»، «كۈندىلىك ھاياتتا قول تىقمىغان ھېچقانداق بوشلۇق قالمىدى» دەپ قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، دوكلات، خەۋەر ۋە قۇرۇلۇش پىلانلىرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىكى دەلىللەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېرىشكەن لاگېرلار ھەققىدىكى بىر دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، «شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى» نىڭ تەتقىقاتچىسى چيۇ يۈەنيۈەن تەرىپىدىن يېزىلغان دوكلاتتا دائىرىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، چيۇ يۈەنيۈەن دوكلاتىدا «قايتا تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشكە سانلىق پىلان چۈشۈرۈپ بېرىشتەك پەرقسىزلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق ھەرىكەت» نىڭ ئەكس تەسىر بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت