«خىتايلارنى سانائەتكە، ئۇيغۇرلارنى كۆچۈشكە» تەشكىللەش غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.10

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەرەققىيات» ھەققىدە سۆز بولغاندا ئەسلىدە چۆللۈك بولغان تۇمشۇق رايونىدا بەرپا بولغان شەھەرنى ئالاھىدە ماختىنىپ تىلغا ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدە خىتايلار ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇمشۇق شەھىرىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى ۋە ھازىرقىدەك زامانىۋى سانائەت شەھىرىگە يۈزلىنىشىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غەمخورلۇقىنىڭ «شانلىق نەتىجىسى» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئاساسى 1950-يىلى بۇ جايغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بوز يەر ئېچىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ئەمدىلىكتە بولسا تۇمشۇق شەھىرى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى» دەپ بېكىتىلگەن.

ھالبۇكى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن «نامراتلىققا ياردەم بېرىش» نامىدا ئەسلىدىكى ئانا ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرىدىكى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلمەكتە ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چىپان يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى خەلپەتنى مۇشۇ شەكىلدە ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈپ كەتكەنلىك ئۇيغۇرلارنى «ئوچاققا ئوت يېقىش» كەبى بىرقاتار جاپالاردىن خالاس قىلىشنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە چىپان يېزىسىدىكى ئاھالىلەر كۆچۈرۈلۈپ باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانلىرىنى چېقىپ تاشلاپ ئۇلارنى شەھەرلەردىكى بىنا ئۆيلەرگە توپلاش ھادىسىسىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشى» دەپ تەنقىدلىسە، خىتاي زىيالىيلىرىدىن ۋاڭ لىشيوڭ بۇ خىل ھادىسىلەرنى «ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.