د ئۇ ق ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ھەققىدىكى ماقالىسىگە رەددىيە بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 9‏-ئۆكتەبىر ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر ماقالىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرى خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن»، دەپ تەنقىد قىلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ نامىدىن يېزىلغان خەتتە، «بىز بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى ۋە تونىدىن ئەندىشە قىلدۇق» دېيىلگەن.

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدا 2‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق» ھەرىكىتى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، لېكىن ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

د ئۇ ق خېتىدە قەيت قىلىشىچە، ماقالىدە، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرى خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ياكى تىنچ ئۆكتىچىلەر بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئايرىمىغان».

د ئۇ ق يەنە، ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى يېتەرلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ماقالە ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدا دەل «ئامېرىكا-خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ۋە تور بىخەتەرلىك دىئالوگى» ئۆتكۈزۈلۈشتىن 2 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان.

4‏-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن دىئالوگتا، تور بىخەتەرلىكى، چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر، قاچقۇنلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تېررورلۇق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. د ئۇ ق خېتىنىڭ ئاخىرىدا، «بىز خىتايدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، خىتايدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ دائىم ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىشى زۆرۈر، دەپ ئويلايمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.