ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنى ئەركىن دۇنيانى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنى بۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ماقالىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا ۋە ئافرىقىدا شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرىگىلا دىققەت قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەقلىق ھالدا خەلقئارا ئاخباراتنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدا، 6-نويابىردىن 18-نويابىرغا قەدەر جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ب د ت ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش يىغىنىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بۇ ماقالىدا، غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈستىدە سەگەك بولۇشقا ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلغان.

ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن يەنە دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى پرىسىپىنىڭمۇ ساقلىنىپ قېلىش ياكى قالماسلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك بەدەل تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئەمما 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئورتاق قىممەت قاراشلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ بەدەلنىڭ تۆلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقى ئەسلىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت