«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەركىن ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ھەرىكىتى ھەققىدە تەپسىلىي ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك تۆلىگەن بەدەللىرى، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەھدىت ۋە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچراشتەك ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان.

ماقالىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا زور رول ئوينىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قايتا تەربىيە» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىچە كېڭەيتىپ، ئۇلارنىمۇ ئوخشاشلا بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان. بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ھەرقايسى غەرب ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.

ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كوزىر قىلىپ جىمىقتۇرۇشقا، ئۇلارنى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى مارگارىتتا باۋزې خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە يۇقىرىقى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ گېرمانىيە پۇقرالىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولۇشى، ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قورقۇتۇشى ھەرگىزمۇ نورماللاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت