ئەنگىلىيەلىك بىر يەھۇدىي دوختۇر خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نارازىلىق خېتى تاپشۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدە پېنسىيەگە چىققان بىر چوڭلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق مەكتۇپى تاپشۇرۇپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شېلدون پائۇل ستون ئىسىملىك مەزكۇر يەھۇدىي دوختۇرىنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىگە «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، ئىسرائېلىيەدىكى «خائارەتىز» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە، خەۋەرلەر تۈرتكە بولغان.

يېقىندا «خائارەتىز» گېزىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇزۇن ھەجىملىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خورلاشقا، باسقۇنچىلىققا، تۇغماس قىلىشقا ۋە ھامىلىسىنى چۈشۈرۈشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىنغانلىقى، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئىرقىي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

شېلدون پائۇل ستوننىڭ «ئىسرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، ئۇنىڭ بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان ئىمزالىق مەكتۇپىدا «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، قىيىن-قىستاق، ئۆلۈم جازاسى، تىببئىي سىناق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، بىر ئېتنىك دىنىي گۇرۇھ سۈپىتىدە ۋەيران قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى سورايمىز. ئەگەر خىتاي مەدەنىي مىللەتلەر توپقا قېتىلىشنى ئىستىسە، باشقا ئىنسانلارغا ھۆرمەت قىلىشى ياكى ئۆزلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىقى كېرەك» دېيىلگەن.

ئۇنىڭ «ئىسرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» دىكى «ھىجاپ، شارپا ۋە يۈتتۈرۈپ قويغان ئۇيغۇر نامايىشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تەقدىرنىڭ يەھۇدىيلارغا تونۇشلۇق ئىكەنلىكى، دەسلەپكى ۋاقىتتا ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا دائىر خەۋەرلەرگە ھېچكىم ئىشەنمىگەنلىكى، دۇنيانىڭ يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلمىغانلىقى، ھالبۇكى ھازىر دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئىشەنسىمۇ، بىراق يېتەرلىك ياردەم قىلمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە لوندون دوۋنىڭ كوچىسىدىكى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، شېلدون پائۇل ستوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوۋنىڭ كوچىسىدا نامايىشچىلارنى ئۇچرىتالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغان بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، نارازىلىق مەكتۇپى تاپشۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت