ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي سەپىرىگە مۇراجىئەت قىلىندى
2017.11.07
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي سەپىرى ھارپىسىدا باش شتابى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
7-نويابىر كۈنى سەھەردە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا تۆت نۇقتا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇلار خىتايدىن قايتۇرۇلغان شىمالىي كورېيە قاچقۇنلىرى، خىتاي ئاخباراتىنىڭ ھەرقاچان ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىشى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان تەقىبنى توختىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان تۆت نۇقتىلىق مۇراجىئەتنىڭ بىرى بولغان.
باياناتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۆلىكىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن خۇسۇسىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ ھازىر ئۇلارغا «جازا پىچىش» تىكى سەۋەب بولۇپ قالغانلىقى، سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى ئاي-ئايلاپ تۈگىمەيدىغان «سىياسىي ئۆگىنىشلەر» بۇ جەھەتتىكى مىسال قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى ئىلھام توختىنىڭ قىسمىتىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلىدۇ.