ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەجلىسى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلمىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-11-10
Share

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەجلىسى مەكتەپ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا چېتىشلىق بارلىق مەبلەغ تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىدىغان قارارنامە ماقۇللىغان.

ئوقۇغۇچىلار مەجلىسى قارارىدا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى «مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى تەكشۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك نازارەت، گېن ئۇچۇرى يىغىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» قا چاقىرغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار مەجلىسى ئۆزىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەجلىسى 009-نومۇرلۇق قارارنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بەرگەن مەبلەغلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلار بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرىمىز.»

ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەجلىسىنىڭ يۇقىرىقى مەيدانى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت