CNN: «خىتاي خادىملىرى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يېتىۋېلىشقا ئامراق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى «تۇغقان» بولۇش نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئائىلىسىدە كۆزىتىشكە ۋە نازارەت قىلىشقا باشلىغان.

بۇ ھادىسە خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى لېكتورى، ئۇيغۇرشۇناس دەرىن بايلېر CNN تورىدا «خىتاي خادىملىرى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يېتىۋېلىشقا ئامراق؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئانالىز قىلغان.

دەرىن بايلېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ «تۇغقانلار» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي-ئېتىقادى، تىلى، ئائىلە قۇرۇلمىسى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تۈپ ھالقىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

دەرىن بايلېر ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىنى نۇرغۇن قېتىم زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ مەزكۇر رايوننى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 4‏-ئايدا زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاساسلىق ئىككى ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي خاھىشىغا دائىر دەلىللەرنى توپلاش، بۇ ئائىلىلەردە بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلار بولسا ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى سىناش ئىكەن.

ئىككىنچى ۋەزىپىسى، بۇ ئائىلىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئىكەن. دەرىن بايلېر ماقالىسىدە، لېكىن بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئائىلە ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ چىقارغان بۇ ھەقتىكى قوللانمىسىدا بۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» كە ئىشتىراك قىلىۋاتقان نۇرغۇن خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنى دەھرىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى بەرپا قىلغۇچى، دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۇ خىل سەۋدايى ئىستەك خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىبدات كونتروللۇقى بىلەن بىرلىشىپ، لاگېر سىستېمىسىنى ئەخلاقى سوراققا تارتىشنى تېخىمۇ مۈشكۈللەشتۈرۈۋەتكەن».

دەرىن بايلېر ماقالىسىدە يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش» سىستېمىسى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا پايدىلىق، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى خىتايلارنى ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى يازغان.

ئۇ يەنە ئاتالمىش نۇرغۇن «تۇغقانلار» نىڭ مۇسۇلمانلارنى «قايتا-تەربىيەلەش» ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىۋاتىمىز، دەپ قارايدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى «بىز ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق ئىنى ۋە سىڭىللىرىمىزنىڭ قۇچاقلىشىغا لايىق» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت