«ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەپتىش كومىتېتى» نىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.11.14

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەپتىش كومىتېتى» ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى.

مەزكۇر كومىتېت 14-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ۋە بۇ قۇرۇلۇشتىكى ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى مەخسۇس تەھلىل قىلغان.

دوكلاتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقى، شۇڭا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم لىنىيەسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىنى تىنچلاندۇرۇشنى غەلىبىگە ئېرىشىشتىكى ئاچقۇچ، دەپ قاراپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، رايوندىكى بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى، يەنى رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 8 پىرسەنتىنىڭ ھازىر لاگېردا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر ئورگان يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ ھازىر «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈستىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقى، شۇڭا بۇنىڭ كەلگۈسىدە مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر توسالغۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەپتىش كومىتېتى» دوكلاتىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئىستراتېگىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن يەنە «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» قارمىقىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ خەلقئارادىكى قايسى قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى تەكشۈرۈشنى شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىمغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى خالىمايدىغانلىقى، بۇنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن نېمە باغلىنىشى بارلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورگانلارنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى زور ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.