ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-26
Share

ئامېرىكىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 24‏-نويابىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى تېزرەك ماقۇللىشىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان.

باش ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ماقۇللانسا، بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ۋە ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش سىستېمىسىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات قىلىش، بۇ شىركەتلەرگە ئېمبارگو قويۇش، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەقىب قىلىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىكەن.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماركۇ رۇبىئو، روبېرت مېنەندەز، كرىستوفىر سىمىت قاتارلىق ئەزالىرى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. باش ماقالىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئالمىدى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە بىر قانچە قېتىم باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىشىدۇر.

باش ماقالىدە يەنە يېقىندا بېيجىڭدىكى 15 غەرب باش ئەلچىسىنىڭ چېن چۈئەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ئۇلارغا قېتىلمىغانلىقى، شۇنىڭدەك دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ناھەق سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ باشقا دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. باش ماقالىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاي ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش، دەپ ئاقلىسىمۇ، بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۆلچەرلىگەندەك ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى 20 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ 11.5 پىرسەنتىنى قامىشى ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى مۈشكۈللەشتۈردى. ئون مىڭلىغان كىشىنى قاماققا ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ مىللىتى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى پۈتۈن خەلققە قارىتىلغان جىنايەت. بۇنى ھەرقانداق ئۇرۇنۇش بۇنى يوشۇرالمايدۇ» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.