ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئورتاق قارشىلىقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

4-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكىدىكى «دىنىي خەۋەرلەر تورى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنى ۋە مىللىي زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەت ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە، مۇستەقىل يازغۇچى جەيكوب لۇپفېر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ئاڭلاتقان.

ئۇ، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما تىجارىي مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلمايۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا باشلامچى بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە دىنى ھوقۇقلارنى قوغدايدىغان بىر دۆلەت بولۇشتەك ئورنىنى قايتا تىكلەپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر كرىزىسىدا خىتاينى ئوچۇق ۋە قاتتىق يوسۇندا ئەيىبلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللىنىشكە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بىرلىشىپ، خىتايغا ئىقتىسادىي جازا قويۇش، غەرب تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىغا چەكلىمە قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت