«چېركاۋ ۋاقتى» گېزىتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياقماسلىق كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«چېركاۋ ۋاقتى» ناملىق ئەنگلىيە تور گېزىتىنىڭ 14‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى بەزى دىنىي زاتلار ۋە دىنى گۇرۇھلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا ئەمدى يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە سانت-ئالبانىس بىشوپى دوكتور ئالان سىمىس خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «سىياسىي تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن جىددىي سۆزلىشىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ «شىنجاڭدىن تارقالغان خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئەندىشە قىلدىم. بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى، تىلى ۋە كىملىكىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا» دېگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتى خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارون بېررىج خانىم، «خىتاينىڭ باستۇرۇشىنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل بىر ھۇجۇم» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، لاگېرلاردا تەن جازاسىغا ئۇچراتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ يورۇتۇپ بەرمەكتە» ئىكەن. ئۇ يەنە ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، جېرېمىي لېفلوينىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بىر خرىستىئان سۈپىتىدە بىزنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشىمىز بەك مۇھىم مەسىلە» دېگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، لېكىن BBC نىڭ يېقىندا مەزكۇر رايوندىكى بۇ يوشۇرۇن لاگېرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ، بۇ لاگېرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلغانلىقى ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت