رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.28

بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلدى.

مەزكۇر خەۋەر خەلقئارالىق ژۇرنالىستلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. مەزكۇر جەمئىيەت ۋەقە ھەققىدە دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىستلارنىڭ ئائىلە-ئەزالىرىنى جازالىشى زوراۋانلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر،» دەپ ئەيىبلىدى. باياناتتا تۇتقۇنلارنىڭ نەدىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى، قانۇنىي سالاھىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە ۋە ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىندى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى 4 نەپەر مۇخبىرنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە-ئەزالىرىدىن 9 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئىشلەۋاتقان خەۋەرلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى بۈگۈنكى باياناتىدا مۇخبىر گۈلچېھرەنىڭ بالنىتسىدا داۋالىنىۋاتقان دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن جەمئىي 20 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلىشىنى ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى بىلەن چەكلەۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.