«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.04.05

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، تۇتقۇن قىلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 6 نەپەر مۇخبىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس بىر سىن خەۋىرى ئىشلەپ تارقاتتى. مەزكۇر سىن فىلىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ سىن فىلىمىنى ئۆز سەھىپىسىدە ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەل ئۇلارنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي براندستاندغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مەكتۇپىدا باش ئەلچىدىن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

يېقىندا «خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى» مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە-ئەزالىرىنى جازالىشى زوراۋانلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر،» دەپ كۆرسەتتى. «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق جازالىماقچى بولۇشى «يىرگىنچلىك بىر ئىستراتېگىيە، بۇنىڭغا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر دەرھال قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.