خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنى مونوپول قىلىشقا ۋە ئۇنى زاۋۇتلاشتۇرۇشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.08.21

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ كۆلەملىك ناۋايچىلىق زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىك كەسپىي بولغان ناۋايچىلىقنى مونوپول قىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇنىڭدىن كېيىن شەخسىي ناۋايخانىلارنى چەكلەپ، پۇقرالارنىڭ نانغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭ كۆلەملىك ناۋايچىلىق زاۋۇتلىرى ئارقىلىق بىر تۇتاش تەمىنلەيدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل يەككە ئىگىلىك كەسىپلىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەمىناتىنىمۇ مونوپول قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل ناۋايچىلىق زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلماقتا ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى «نان مەدەنىيىتى ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» دا 1000 كىشىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، بىرلا ۋاقىتتا 360 تونۇردا نان يېقىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە 2019-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان مەزكۇر «نان مەدەنىيىتى باغچىسى» نىڭ ئىلگىرى تارقاق ھالەتتىكى ئۇيغۇر ناۋايچىلىق ئىگىلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە نان تەمىنات ھالقىسىنى كېڭەيتكەنلىكى، نان بىلەن بىر تۇتاش تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يەككە ناۋايخانىلىرىنى يوقىتىپ، بۇرۇنقى مۇستەقىل ئۇيغۇر ناۋايلىرىنى «نان مەدەنىيىتى ئىشلەپچىرىش بازىلىرى» نامىدىكى كارخانىلارغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى ئەركىن كاسىپلىق پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.