تىم ۋېينخولد: «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق نازارەت قىلىشى ھەممىمىزنى ئويغىتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىس تىم ۋېينخولد 23‏-ماي كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق نازارەت قىلىشتەك خەتەرلىك ھەرىكىتىنىڭ كىشىلەرنى ئويغىتىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. تىم ۋېينخولدنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك ۋە ئەڭ قاتتىق نازارەت پروگراممىسىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزمەكتىكەن.

ئۇ «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق نازارەت قىلىشى ھەممىمىزنى ئويغىتىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10 % نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادلىق بىر خەلق ئىكەنلىكى، ئىككى خانلىققا پۇقرا بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خۇداغا بەيئەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى «قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشقا تېگىشلىك تەھدىت»، دەپ قارىغان.

تىم ۋېينخولد ماقالىسىدە، مانا بۇنىڭ «ئۇيغۇرلاردا ھازىرقى ئىنسانىيەت كرىزىسىنى ياراتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، سۈنئىي ئەقىل، بولۇپمۇ يۈز تونۇش تېخنىكاسى، ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرنىڭ نىشاندىكى توپلارنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كونترول قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، «بۇ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز پىكىرىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ئېيتىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىدىغان، مىدىرلىيالماس ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان».

ماقالىدە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرېئان زەنسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش نىشانىنىڭ «پۈتكۈل خەلقنىڭ نېگىزلىك كىملىكى ۋە ئېتىقاد سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كۆلەم جەھەتتە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 23‏-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2‏-ماقالە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تولۇق بەت