ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك خىتاينىڭ «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» ئىگىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-06
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019‏-يىلدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك خىتاينىڭ «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» گە قاراشلىق «شىنجاڭ نېفىت شىركىتى» ئىگىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق ئارتتۇرغان. «خىتاي خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «شىنجاڭ نېفىت شىركىتى» 2019‏-يىلى 12 مىليون 470 مىڭ توننا خام نېفىت، 2 مىليارد 930 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان ساپ خام نېفىت مەھسۇلاتى ئالدىنقى يىلقىدىن بىر مىليون توننا ئارتقان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ مەزكۇر رايوننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە قېزىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە بايلىقىنى «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» دەك خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مونوپول قىلىپ، بۇ ساھەدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورۇنلارغا خىتايلارنى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

2019‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يىللىق ئومۇمىي نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى دېگۈدەك «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» نىڭ «شىنجاڭ نېفىتلىكى» تارماق شىركىتى ئىگىلىگەن.

«خەلقئارا ئېنېرگىيە تورى» نىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019‏-يىلىنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئىشلەپچىقارغان ئومۇمىي خام نېفىت مەھسۇلاتى 13 مىليون 782 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلقىدىن 2. 4 پىرسەنت ئارتقان. ئۇنىڭ 2019‏-يىلنىڭ كېيىنكى 6 ئېيىدا ئىشلەپچىقارغان ئومۇمىي خام نېفىت مەھسۇلاتى تېخى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت